جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر كۇرتى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ كوسوۋو بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قوللايدىغانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا تىنچ ۋە بەرپاچى پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1941851
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر كۇرتى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى  ئۆتكۈزدى
kurti-erdogan.jpg
erdogan kosova.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىزمەت زىيارىتى مۇناسىۋىتى  بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن كوسوۋو باش مىنىستىرى ئالبىن كۇرتى بىلەن تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان ئالدىنقى ھەپتە كوسوۋونىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ، كوسوۋولۇقلاردىن ھال سورىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ھەر دائىم كوسوۋولۇق قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن كېيىنلا كوسوۋونى ئېتىراپ قىلغان ئىككىنچى دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئشىارەت قىلىپ ئۆتكەن ئەردوغان، كوسوۋونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ، كوسوۋونىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان تىنچ مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز كوسوۋو بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قوللايمىز، تەرەپلەرنىڭ تىنچ ۋە بەرپاچى پوزىتسىيە نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سېربىيە بىلەن بولغان سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە يەكۈنلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تۈركىيە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشقا، تەرەپلەر خالىغان تەقدىردە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تەييار» دېدى.

كوسوۋو باش مىنىستىرى كۇرتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ 1999-يىلىدىكى مۇداخىلىسىنىڭ كوسوۋو خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولىغا ھەر ۋاقىت مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ كوسوۋونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر