ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا ياشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە يېتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا ياشلار بىلەن بىرلىكتە يېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1941699
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا ياشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە يېتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قىشلىق پائالىيەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىروگراممىسىغا يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، 15 ۋىلايەتتىكى 15 ئوخشىمىغان تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان قىشلىق پائالىيەتلەرنىڭ يەتتىنچىسىنىڭ تاماملغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەردوغان، 30-يانۋاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر داۋامىدا، ياشلارنىڭ ئارخېئولوگىيەدىن قىشلىق تەنھەرىكەتكىچە، تور ئالاقىسىدىن گۈزەل سەنئەتكىچە، ئىنژېنېرلىقتىن پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىياتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە بىلىم ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇچۇرىدا، ياشلارغا خىتابەن مۇنداق دېدى: «ئىشلەڭلار، ئىشلەپچىقىرىڭلار، ئارزۇ – ئارمانلارنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈڭلار، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىڭلارنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماڭلار.»

ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىنقى 20 يىلدا ياشلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى تارىخىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇشتۇردۇق. خۇدايىم بۇيرىسا، تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغىمۇ يەنە سىز ياشلار بىلەن بىرلىكتە يېتىمىز. بۇ باسقۇچتا، سىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارغا ئىشىنىشىڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئىشىنىشىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ پەخىرلىك بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلاردۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە ئىستانبۇل ۋىلايىتىنىڭ سۇلتانبەيلى ناھىيەسىدە رېمونت ئىشلىرى پۈتكەن «ئايدوس قەلئەسى» ۋە «سۇلتان  ئورمانزارلىقى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش  مۇراسىمىغا قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر