بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتىنى باھانە قىلىپ كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقىغان توققۇز دۆلەتنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1941396
بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتىنى باھانە قىلىپ كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان.

باش ئەلچىلەرگە، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقى يەتكۈزۈلگەن، ھەمدە تۈركىيەدىكى بارلىق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ خىل بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇق ۋە خۇش پېئىللىق پىرىنسىپىغا زىت ئىكەنلىكى، بۇ خىل پوزىتسىيەلەرنىڭ پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىك كۈنتەرتىپىگىلا خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەنقەرەنىڭ دوستانە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر