ئەردوغان: تۈركىيە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى دائىرىسىدە يېقىنقى مەزگىللەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1940894
ئەردوغان: تۈركىيە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) نىڭ ئورتاق نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى، ھەمدە مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

ئۇ، خەلقنىڭ ئالدىغا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز خەلقنىڭ ئالدىغا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىز بىلەن چىقالمىسىڭىز، خەلقىڭىزمۇ سىزنى قەدىرلىمەيدۇ. خەلقىمىز بىزنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنى <مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ نامايەندىسى> دەپ قارايدۇ. تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى يىراقنى كۆرەرلىك ئىستىراتېگىيەلىك نىشاندۇر. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى، دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھاسىل قىلغان تەجرىبە – ساۋاقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىش نىشانىنىڭ ئىسمىدۇر. نۆۋەتتە بىز تۈركىيەنىڭ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىرىنى خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر