نورۋېگىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

نورۋېگىيەدە ئەتە (3-فېۋرال) قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نورۋېگىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1941214
نورۋېگىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيەدە ئەتە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتقان.

مىنىستىرلىق باش ئەلچىگە، تۈركىيەنىڭ نورۋېگىيەنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا  ئۆچمەنلىك جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالماسلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە بۇ پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە نورۋېگىيەدىن بۇ ھەرىكەتكە يول قويماسلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر