ئىبراھىم كالىن F-16 ئايروپىلانلارنىڭ ئاتالمىش «ئالدىنقى شەرت» ى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكادىن F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار «ئالدىنقى شەرت» ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇنى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

1940381
ئىبراھىم كالىن F-16 ئايروپىلانلارنىڭ ئاتالمىش «ئالدىنقى شەرت» ى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن پايتەخت ئەنقەرەدە كۈنتەرتىپىتىكى مەسىلىلەرگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ F-16 كېلىشىمى ئۈچۈن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز F-16 پىروگراممىسىنى ھاۋا كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تاللاش دەپ قارايمىز. ئەگەر ئامېرىكا شەرتلەرنى قويسا ۋە شۇنداقراق پوزىتسىيە تۇتۇشنى باشلىسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىۋىرىمىز. بىز دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشتا ئۆز ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ۋە ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئارزۇسىنى بىلىمىز، ئەمما پالاتادا بۇنى ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويسا ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا گىرېتسىيەنىڭ F35 تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرسا، ئىنتايىن ئوچۇق ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپلىك سالاھىيتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال شۇنداق يەرگە كەلسە، بىز شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش قىلىمىز» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر