ئەردوغان: شىۋېتسىيە ھەيران قالىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: «فىنلاندىيە توغرىسىدا ئوخشىمغان سىگنال بەرگەن ۋاقتىمىزدا، شىۋېتسىيە ھەيران قالىدۇ» دېدى.

1939312
ئەردوغان: شىۋېتسىيە ھەيران قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29-يانۋار (2023) بىلەجىكتە ياشلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «شىۋېتسىيەگە ناتوغا ئەزا بولۇشىڭلار ئۈچۈن بۇ تېررورىستلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، دېدۇق. 120 كىشىلىك تىزىملىكنى بەردۇق، ئەگەر تېررورىستلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرمىسە بىزدىن رەنجىمىسۇن. ئۇلار شۇ كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىزگە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۇق، ئۇنى قىلدۇق، بۇنى قىلدۇق دەپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىز فىنلاندىيە توغرىسىدا ئوخشىمىغان سىگنال بېرىشىمىز مۇمكىن، ئۇ چاغدا شىۋېتسىيەنىڭ ھەيران قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما، فىنلاندىيەمۇ ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزمەسلىكى لازىم.»

ئۇ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئېتىبار بىلەن قاراش بار. مېنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم، دۇرۇستلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھازىر سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۈمىد قىلغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولساقمۇ، ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزەيلى، دەۋاتىمىز. يەنى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئۇچرىشىشى. بەلكىم ئىراننىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە قېتىشىمىز مۇمكىن. ئىرانمۇ قېتىلسۇن. ئۇچرىشىشلىرىمىزنى بۇ شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ، رايونغا خاتىرجەملىك ئەكىلەيلى. رايون ھازىرقى قىيىنچىلقلاردىن قۇتۇلسۇن. بىز بۇ نۇقتىدا نەتىجە ئېلىۋاتىمىز، ئالدۇق ۋە ئالىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر