تۈركىيە دانىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە يول قويۇلۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە دانىيەدە تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋە دانىيەدىكى بىر جامەنىڭ ئۇدۇلىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە يول قويۇلۇشىنى ئەيىبلىدى.

1938942
تۈركىيە دانىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە يول قويۇلۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شىۋېتسىيەدە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ بۈگۈن دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دۈشمىنى بىر سەركەش تەرىپىدىن تەكرار سادىر قىلىنىشىغا يول قويۇلۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز»

شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن بۇ قېتىم دانىيەدىمۇ سادىر قىلىنغان <بۇ پەسكەشلەرچە قىلمىش> نىڭ تۈركىيەنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي ئالدىنى ئالماسلىقنىڭ، ياۋروپادىكى دىنىي خۇشپېئىلسىزلىق ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ  ئاتالمىش پىكىر ئەركىنلىكى مۇھىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يەتكەن خەتەرلىك تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن تولىمۇ ۋەھىمىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى قاتتىق رەنجىتكەن بۇنداق قەبىھ قىلمىشلارغا يول قويۇلۇشى تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ئەنئەنىسىگە تەھدىت سالماقتا ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان ئىرقچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە.»

«ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقىدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەر ئالدىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى خاتىرىلىتىمىز،  ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان يەر شارىۋى قىممەتلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر