ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى غەرب مېدىياسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېمىلارغا ئورۇن بەرگەن غەرب تاراتقۇلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1938371
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى غەرب مېدىياسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېمىلارغا ئورۇن بەرگەن غەرب تاراتقۇلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مەتبۇئات – تارقىتىش پائالىيىتى ئەمەس، ئىپتىدائىي شەكىلدىكى تەتۇر تەشۋىقاتتۇر» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئەردوغاننى سىستېمىلىق ھالدا ھۇجۇم نىشىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يوليورۇق قوبۇل قىلمايدىغان بىر تۈركىيە، بۇ كۈچلەرگە نىسبەتەن بىر قاباھەتلىك چۈش. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل ۋە ئەھمىيەتسىز ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز، دەپ ئويلايدۇ» دېگەن چەلىك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسىتى بۇ كۈچلەرنى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان چەلىك: «بىزنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىمىزگە خەلقىمىزدىن باشقا ھېچكىم يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر