تۈركىيەنىڭ خەير-ساخاۋەت پاراخوتى كاراچىغا يېتىپ باردى
تۈركىيەنىڭ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستانلارغا تارقىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 900 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى بېسىپ يولغا چىققان تۇنجى خەير-ساخاۋەت پاراخوتى كاراچىغا يېتىپ باردى.
1937957

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېمەكلىك، ئەدىيال، قىشلىق كىيىم-كېچەك ۋە تازىلىق لازىمەتلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 900 توننا ئەتراپىدىكى ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان پاراخوت كاراچى پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.