تۈركىيە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمىغانلار ناتو مەسىلىسىدە قوللىشىمىزغا ئېرىشەلمەيدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى توغرىسىدا توختالدى.
1936890

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى جەريانىدا، شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا دانىيەنىڭ ئوڭچىل «قاتتىق يۆنىلىش پارتىيەسى» رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.