گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى
تۈركىيە، گوللاندىيەدە بىر كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش قىلمىشى سەۋەبىدىن گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.
1937149

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گوللاندىيەدە بىر كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش قىلمىشى توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە ئىسلام دۈشمىنى بىر كىشىنىڭ 22-يانۋارمۇقەددەس كىتابىمىز <قۇرئان كەرىم>گە قىلغان قەبىھ ھۇجۇمىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيمىز.