چاۋۇشئوغلۇ تاشكەنتتە پاكىستانلىق مەنسەپدىشى زاردارى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زاردارى بىلەن كۆرۈشتى.
1936985

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ 26 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئۆزبېكىستاندا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زاردارى بىلەن كۆرۈشتى.