بايراقتار قىزىلئەلما ئىككىنچى قېتىملىق سىناقتىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى — بايراقتار قىزىلئەلما، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇشىدا سىستېما پەرقلەندۈرۈش سىنىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.
1937042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز دەسمايىسى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى — بايراقتار قىزىلئەلمانىڭ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇشىدا سىستېما پەرقلەندۈرۈش سىنىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.