«ت ب 2» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

«2-ت ب بايراقتار» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار «MIT Technology Review» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2023 – يىلىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ تېخنىكىلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلدى.

1936442
«ت ب 2»  قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى باش دىرېكتورى ھالۇق بايراقتار تۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا: «دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم تېخنىكا قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان <MIT Technology Review> ژۇرنىلى يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىمىز بايراقتار ت ب 2 لەرنى 2023 – يىلىنىڭ  دەۋر بۆلگۈچ تېختىكىلىرى قاتارىدا كۆرسەتتى» دېدى.

«MIT Technology Review» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە، تۈركىيەدە ياسالغان <2-ت ب بايراقتار> قاتارلىق ئايروپىلانلار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ ئۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ژۇرنالنىڭ تور بېتىدە «2-ت ب بايراقتار» ھەققىدە مۇنداق دېيىلدى:

«2-ت ب بايراقتار ئاستا ئۇچىدىغان ئايروپىلان گەۋدىسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى يېتەرلىك زاپچاسلار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 138 مىلغا يېتىدۇ ۋە 186 مىللىق ئالاقە دائىرىسىگە ئىگە. بايراقتارنىڭ ھاۋادا 27 سائەت تۇرالايدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما، يەر يۈزى پونكىتلىرىغا سىن كۆرۈنۈشى يوللىيالايدىغان كامېرالىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە، ھەم قانىتىدا ئېلىپ يۈيدىغان لازېر نۇرلۇق بومبىنى نىشانلاش، ھەم يەردىن زەمبىرەك ئېتىىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتىن كۈچلۈك بىر قورالغا ئايلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر