ئەردوغان يېقىنقى 20 يىلدا دۆلەتنىڭ قولغان كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى 20 يىلدا دۆلەتنىڭ قولغان كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ ئارقا پىلانىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق مۇھىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى بارلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادقا قىممەت قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان يېقىنقى 20 يىلدا دۆلەت يازغان مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ ئارقىسىدا سىياسەتتە ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر سايىسىدا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تارتىپ خەلقئارالىق كۈچلەرگىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشتىن تارتىپ كوچا ھەرىكىتىگىچە بولغان نۇرغۇن ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەنلىكىگە قارىماي، ھەر تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭەلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك كرىزىسىنى سۆزلىشىۋاتقان بولسا، بىز ئېكسپورتتا 254 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىمىزنى، ئەمگەك كۈچى كۆپەيگەنلىكىگە قارىماي 32 مىليونغا يېقىنلاشقان خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىمىزنى، بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە قولغا كەلتۈرگەن %6.2 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىمىزنى ۋە ساياھەتچىلىكتە 51 مىليوندىن ئاشقان ساياھەتچى سانىمىز بىلەن 46 مىليارد دوللارغا يەتكەن ساياھەت كىرىمىمىزنى ھەمدە مۇداپىئەدىن ئېنېرگىيەگىچە بولغان ھەر ساھەدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى سۆزلەشمەكتىمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەرشارى سىياسىتىدىكى كونكرېت سالمىقىنىڭ ھەر بىر ۋەقەدە تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بۇ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن يالغۇز ئۆز رايونىغىلا ئەمەس، بەلكى ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاسىياغىچە بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولماقتا» دېدى.