ئاقار: شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى بىكار قىلدۇق

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى بىكار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1935993
ئاقار: شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى بىكار قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، شىۋېتسىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ۋە قۇرئان كەرىمنى دەپسەندە قىلىش قۇتراتقۇلىقىغا قارشى تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسوننىڭ 27 – يانۋار كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ، ئۇقۇمىمۇ قالمىدى. شۇڭا، بۇ زىيارەتنى بىكار قىلدۇق.»

ئۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رامستېين ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا چاقىرىلغان «ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى يىغىنى» دىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتىدا، شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسوننىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش پىلانى ھەققىدە توختالغان ئاقار، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ئوچۇق ئىشىك» سىياسىتىنى ھەردائىم  قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاقار، تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئىيۇن ئېيىدا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا «ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسى» ئىمزالانغانلىقىنى  تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىردىنبىر تەلىپىمىز بۇ كېلىشىم لايىھەسىدىكى ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى. شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى، تاپشۇرۇقلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

مىنىستىر ئاقار، شىۋېتسىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرەپدارلىرىنىڭ دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە قارىتا قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلىرى، ھەمدە شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن نامايىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلىش ۋە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرماسلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق قىلمىشلارغا چوقۇم تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىش شەرت.»

بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلىرىنى شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسونغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىۋېتسىيەنىڭ، ھۆرمەتلىك جۇمھۇرىمىز رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ نومۇسسىزلارچە ۋە قەبىھ قىلمىشلارغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شاھىت بولدۇق. «مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسوننىڭ 27 – يانۋار كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ، ئۇقۇمىمۇ قالمىدى. شۇڭا، بۇ زىيارەتنى بىكار قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر