شىرناقتا «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش – 23» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى 1 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە يېڭىسى قوشۇلدى.
1936052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن شىرناقتا «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش – 23» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىرناقتا باشلانغان «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش – 23» ھەربىي ھەرىكىتىگە 871 ھەربىي خادىمنىڭ قاتناشقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا.»