چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىناغا ماتەم بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت كىيېۋدا چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچاردا 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى سەۋەبى بىلەن ئۇكرائىناغا سەۋر تىلىدى.

1934765
چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىناغا ماتەم بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، كىيېۋ ئەتراپىدىكى بروۋارىيدا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېباغا قارىتىپ: «يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە ۋە ئۇكرائىنا خەلقىگە سەۋر تىلەيمەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن» دېدى.

پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ۋەقەسىدە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس موناستىرسكىينى قوشقاندا جەمئىي 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇكرائىنا ئىشچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئانتون گېراشېنكو ۋەقە سەۋەبىنىڭ سۈيىقەست ياكى تېخنىكىلىق كاشىلا ئىكەنلىكىنىڭ تەپتىشلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر