چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن (2023-يىلى 18-يانۋار) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1934159
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن تۈركىيە – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەلىك مېخانىزمى دائىرىسىدە، پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەمدە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى 20 – يانۋار كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر