ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى پ ك ك سەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى شىۋېتسىيەگە يوللىدى

ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسى شىۋېتسىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى شىۋېتسىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللىدى.

1932600
ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى پ ك ك سەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى شىۋېتسىيەگە يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى نىشان قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا جىنايى ئىشلار مەسىلىسىدە ئۆزئارا قانۇن ياردىمى بېرىش ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، بۇ سەتچىلىك ھەققىدە ئەدلىيە / مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىپ -باشلانمىغانلىقى، جاۋابكارلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىپ، جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىمىزگە يوللىنىشىغا دائىر تەلىپىمىز شىۋېتسىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلدى.»

تەكشۈرۈشنىڭ ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش بىيورۇسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى  بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر