دۆلەت رەھبەرلىرى شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

فۇئات ئوكتاي شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش رامكىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى، بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

1932111
دۆلەت رەھبەرلىرى شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ستوكھولمدا تارىخىي ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا توپلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك قوللىغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشىتىلغان بىر قونچاقنى بىنا ئالدىدىكى بىر تۈۋرۈككە ئېسىپ قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى نىشان قىلغان نامايىشنى ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش رامكىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى، بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئەندىشەلىرىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىپ بەردى. دېموكراتىك قانۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن بۇ خىل نامايىشلارغا كۆز يۇمۇشىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ. شىۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئۈستىدىن قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلىشنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ شىۋېتسىيەدىكى تۈركىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىكلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «شىۋېتسىيەنىڭ دېموكراتىيەگە ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سالغان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە كۆز يۇمغانلىقىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىۋېتسىيە پارلامېنتى باشلىقى ئاندرېس نورلېننىڭ 17-يانۋاردىكى (2023) تۈركىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ بولسا: «بۇ تۈركىيە خەلقىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە رۇخسەت قىلغان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن: «ستوكھولمدا جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قارشى قىلىنغان قەبىھ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن: «شىۋېتسىيەدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە ۋە دېموكراتىيە يولى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر