تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىغا خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن مەدھىيە

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1930678
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىغا خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن مەدھىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «خەلق گېزىتى» تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى «تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلىنماقچى» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە تۈركىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھاۋا ئارمىيە كۈچى مەدھىيەلىنىپ، بۇ يېڭى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ دۇنيادىكى باشقا ئوخشاشلىرىدىن خېلىلا ئىلغار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان شۇنىڭغا ئوخشاش ئايروپىلانلاردىن كۆپ ئىلغار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  

تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان خەۋەردە يەنە، «تۈركىيە 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ماسلاشتۇرغان شەكىلدە ئۇچقۇچىلىق ۋە ئۇچقۇچىسىز، ئۆزگىچە بىر ھاۋا ئۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا» دېيىلدى.

گېرمانىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «Die Welt» مۇ تۈركىيەنىڭ كۈچىيىۋاتقان مۇداپىئە سانائىتىنى ماختىدى.

«Die Welt» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ قوراللىنىش كۈچى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەد كۆتۈرۈشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ قايتىدىن قوراللىنىش پىلانىنى قەتئىيلىك بىلەن يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى بازىرىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە،  <TF-X> دەپمۇ بىلىنىدىغان يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى مودېلىنىڭ تۇنجى قېتىم مارت ئېيىدا (2023) دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر