تۈركىيە سۇداندا سىياسىي سۆھبەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە سۇداننىڭ نورمال سىياسىي تۈزۈمگە ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ تەلىپىنىڭ ئاساسەن، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1929745
تۈركىيە سۇداندا سىياسىي سۆھبەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2022 – يىلى 5 –دېكابىردا ئىمزالانغان رامكا كېلىشىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ بۈگۈن (تۈنۈگۈن) ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى باشلىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نورمال سىياسىي تۈزۈمگە قايتىش مۇساپىسىنى سۇداندىكى بارلىق قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «دۆلىتىمىز بۈگۈنگىچە قانداق بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇداندىكى قېرىنداشلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر