ئەردوغان قارادېڭىزدا يېڭى گاز زاپىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارادېڭىزدا 58 مىليارد كۇبمېتىر يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1923974
ئەردوغان  قارادېڭىزدا يېڭى گاز زاپىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە لايىھەلەيدىغان دۆلەت بولۇشتىن ھالقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېكسپورتىمىز نەتىجىسىدە، پۈتكۈل دۇنيادا مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن نام قازانغان ئورۇنغا كەلدۇق» دېدى.

ئۇ كېلەر يىلى (2023) خەۋپسىزلىكتە، تېررورلۇقنى مەنبەسىدە يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى جەنۇبىي چېگرالار بويىچە قەتئىي ئىجرا قىىلشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بولۇپمۇ، سۈرىيەدىن دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن، چېگرادىن 30 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىخەتەرلىك لىنىيەمىزدىكى بوشلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

ئۇ قارادېڭىزدا 58 مىليارد كۇبمېتىرلىق يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بېرىپ، قارا دېڭىزدىكى گاز زاپىسىنىڭ 710 مىليارد كۇبمېتىرغا يەتكەنلىكىنى، رايوندا بايقالغان تەبىئىي گازنىڭ خەلقئارا بازارلاردىكى قىممىتىنىڭ 1 تىرىلىيون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، قارا دېڭىزدا يېڭى تەبىئىي گاز قېدىرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر