ئەردوغان خىرىستىيان پۇقرالارنىڭ روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 - دېكابىر روژدېستۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىرىستىيان پۇقرالارغا تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

1923240
ئەردوغان خىرىستىيان پۇقرالارنىڭ روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىرىستىيان پۇقرالارنىڭ روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىز تەۋە بولغان مەدەنىيەتنىڭ قىممەت قارىشىلىرىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايلىق دەپ قارايمىز. مىللىتىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ قارىشىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىدىمۇ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشىيالىشىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈچىمىزدۇر. خىرىستىيان پۇقرالىرىمىزنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ماس ھالدا تەبرىكلەيدىغان روژدېستۋا بايرىمىنىڭ ئىتتىپاقلىق مۇھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە بىلەن پۈتكۈل خىرىستىيان دۇنياسىنى، بولۇپمۇ خىرىستىيان پۇقرالىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر