«ئۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارغا قارىماي داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىز شەرت»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارغا قارىماي رايوندا داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

1921894
«ئۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارغا قارىماي داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىز شەرت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

ئۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن مولدوۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە تەشكىلاتنىڭ يېڭى نۆۋەتچى رەئىسى سېربىيەگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارغا قارىماي رايونىمىزدا داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىز شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر