تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى قارارلار چىقىرىلدى

دۆلەت مۇداپىئە ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، قالقان، ھىسار ۋا سۇنگۇر سىستېمىلىرىنى يېڭىدىن كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارلار چىقىرىلدى.

1921778
تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى قارارلار چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2022-يىلى 20دېكابىر) ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت مۇداپىئە ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىندا، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان يەرلىك ۋە مىللىي سىستېمىلارغا يېڭى سىستېمىلارنى سەپلەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئوخشىمىغان 25 لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار چىقىرىلدى.

ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قالقان، ھىسار ۋا سۇنگۇر سىستېمىلىرىنى يېڭىدىن كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش قارار قىلىندى. تايفۇن، ئاتماجا، «TRLG-230»، قارا ئوق، گۆكدوغان ۋە بوزدوغان قاتارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن باشقا، ئاكيا تورپېداسى ۋە ھەر خىل سۇپىلارغا كېرەكلىك ئوق-دپرىلارنى كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا قارارلار چىقىرىلدى.

مىللىي پاراخوت لايىھەسى رامكىسىدا ياسىلىدىغان پاراخوتلارنىڭ «i» تۈرىدىكى قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى ياساشمۇ قارار قىلىندى.

دەسلەپكى سىناقتا بەش سائەتلىك ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان «قىزىل ئالما» نىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، «F-16» ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، مەۋجۇت فلوتقا يېڭىلىرىنى قوشۇش، يېڭى ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ۋە رادار سىستېمىلىرى، ھەر خىل ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سۇپىلىرى، خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر سىستېمىلىرى، ئۈسكۈنە-جابدۇقلار، تەقلىد قىلىش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە يېڭى تۈرلەرنى قوشۇش قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر