شىرناقتا بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

شىرناقنىڭ «جۇدى تېغى» رايونىدا باشلانغان «كۈز – قىش ھەربىي ھەرىكىتى – 17» داۋامىدا بىر تېررورچى تەسلىم بولدى.

1921414
شىرناقتا بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمىدە باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، بىر تېررورچى تەسلىم بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 8 گە يەتتى.

ھەربىي ھەرىكەتنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئارىف چەتىن يېقىندىن كۆزەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر