تۈركىيە نوپۇسى 2021 - يىلى 85 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق نوپۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

1920908
تۈركىيە نوپۇسى 2021 - يىلى 85 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق نوپۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 84 مىليون 680 مىڭ 273 كە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر نوپۇسىنىڭ 42 مىليون 428 مىڭ 101، ئاياللار نوپۇسىنىڭ 42 مىليون 252 مىڭ 172 كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2021 - يىلى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلار ئىچىدە يۈسۈپ، قىزلار ئىچىدە زەينەپ ئىسمى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ %60.7 ئۆز ئۆيلىرىدە تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر