ئەردوغان مىللېرنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپرومنىڭ باشلىقى ئالېكسېي مىللېرنى قوبۇل قىلدى.

1917145
ئەردوغان مىللېرنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەنى رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەدىن ياۋروپا قاتارلىق رايونلارغا تەبىئىي گاز يۆتكەشتە تۈركىيەنىڭ ئىشەنچىلىك يوللاردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيەدە ناھايىتى چوڭ تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش مۇمكىن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېگەنىدى: «ياۋروپانى تۈركىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن پۇتىن بىلەن بىرلىكتە يوليورۇق چۈشۈردۇق. بۇ خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تارقىتىش مەركىزى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر