چاۋۇشئوغلۇ: ئاشلىق كېلىشىمى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئەردوغاننىڭ سايىسىدا ئىشقا ئاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قويۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى سايىسىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1917212
چاۋۇشئوغلۇ: ئاشلىق كېلىشىمى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئەردوغاننىڭ سايىسىدا ئىشقا ئاشتى
ruanda disisleri ve uluslararasi isbirliği bakani vincent biruta-cavusoglu.jpg
cavusoglu trt world forum 2022.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دىپلوماتىيەدە مۇرەسسەچىلىكنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قويۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى سايىسىدا ئىشقا ئاشتى.»

مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسەچىلىكنىڭ ئىشەنچ، رەھبەرلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك رەھبەرلىكى بولمىسا ئىدى، ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولمايتتى.»

«بىز كېلەچەكنىڭ مۇرەسسەچىلىرىنىمۇ يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق.»

«سومالىدىن ۋېنېزۇئېلاغىچە، بالقان رايونىدىن ئوتتۇرا شەرقكىچە، ياردەمچى ياكى ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. (24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان)  رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى تىرىشچانلىقىمىز بۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى مىساللىرىدۇر.»

ئۇ، «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىنى چاقىرىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈپەيلى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) غا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلىش ھارپىسىدا، رىۋاندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنسېنت بىرۇتا ۋە مالتانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر