چاۋۇشئوغلۇ  ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1917149
چاۋۇشئوغلۇ  ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماي ئېيىدا تۈركىيەدە چاقىرىلغان «تۈركىيە – ئالجىرىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى» يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ئورتاق پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، 10 – 11 – دېكابىر كۈنلىرى ئالجىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ئالجىرىيە سىرتىدىكى ئالجىرىيەلىكلەر ئىشلىرى مىنىستىرى رامتانې لامامرا بىلەن كۆرۈشۈشى، ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئالجىرىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر