«13 مىليون 300 مىڭ توننا ئاشلىق توشۇلدى»
يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ۋاھىت كىرىشچى ھازىرغىچە ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق 13 مىليون 300 مىڭ توننا ئاشلىقنىڭ توشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1917185
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىشىچى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، خامچوت مۇزاكىرىلىرى ئەسناسىدا قىلغان سۆزىدە، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يەر شارىۋى يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش پائالىيەتلىرىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشلىق كارىدورىدىن 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە 13 مىليون 300 مىڭ توننا ئاشلىق توشۇلدى، بۇنىڭ % 57.5 ى ياۋروپاغا، % 23.9 ى ئاسىياغا، % 11.6 ى ئافرىقاغا، % 6.8 ى ئوتتۇرا شەرققە يەتكۈزۈلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئاشلىقىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى باي دۆلەتلەر. دۆلىتىمىز ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.»