چاۋۇشئوغلۇ: غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1916679
چاۋۇشئوغلۇ: غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە، غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەر مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە <لوزان شەرتنامىسى> ۋە يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلماقتا. بىز ئەزەلدىن  غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز!»

گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ «تۈرك» كىملىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ ئاز سانلىق تۈركلەرگە تەۋە مەكتەپلەر، فوندى جەمئىيەتلەر، ئۇيۇشمىلار ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ نامىدا «تۈرك» ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقىنى، ئاتىنانىڭ، ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ  ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ گىرېتسىيەنى بۇ دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلى ئۈچ قېتىم ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئاتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدا 15 يىلدىن بۇيان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋەكىللىرىنى سايلىشىغا يول قويمايۋاتىدۇ. گىرېتسىيەنىڭ يېڭى مۇپتىلىق قانۇنى، 1923-يىلدىكى <لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى> گە خىلاپ بولۇپ، بۇ ئاز سانلىق تۈركلەرنى ئاساسلىق كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلماقتا. گىرېتسىيە غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا. گىرېتسىيە غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنى خالىغانچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە باج جازاسى بېرىش ئارقىلىق كەمسىتمەكتە.»

گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىلدا ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ 90 دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتىپىنى تاقىغانلىقىنى ۋە يېڭى مەكتەپلىرىنى ئېچىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «گىرېتسىيە ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ مەۋجۇت مەكتەپ بىنالىرىنىڭ رېمونت قىلىنىشىغا ياكى كېڭەيتىلىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. گىرېتسىيە ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە ئىشلەش ئۈچۈن يېتەرلىك ساندىكى تۈرك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. گىرېتسىيە يەنە تۈركچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا. قىسقىسى، بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر