قالىن سۇللىۋان بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1916163
قالىن سۇللىۋان بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ئىبراھىم قالىن بىلەن جېيك سۇللىۋاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شەرقىي ئاقدېڭىز، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزالىق مۇساپىسى، سۈرىيە، ئىراق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى ئىپادىلەندى ھەمدە يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلار ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن تېلېفون يىغىندا، تۈركىيەنىڭ F-16 سېتىۋېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ شەرتسىز تاماملىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزىراپ ۋە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىرىزىسلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى، شۇڭا تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سۆھبەت ئۈستىگە قايتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئاشلىق كېلىشىمى قاتارلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئالدىنقى قەدىمى بولغان ساھەلەردىكى دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان پ ك ك / پ ي د / ي پ گ قاتارلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان تۈركىيەنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ھەر خىل تېررورلۇق تەھدىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.

ئەنقەرەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان سۆھبەت جەريانىدا، 6-ئايدا مادرىدتا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدىكى بارلىق ۋەدىلەرنىڭ چوقۇم ئورۇندىلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر