ئەردوغان تۈركىيە ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇيۇشمىسى يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1915492
ئەردوغان تۈركىيە ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇيۇشمىسى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نۆۋەتتە سىياسەت، ئىقتىساد، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيەلەردە ئۆز قارارلىرىنى چىقىرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزى يارىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى 20 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات قەدەملىرىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئوخشاشلا ئىقتىسادتىمۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سېتىۋېلىش نىسبىتىگە ئاساسەن 11-ئورۇنغا چىقتۇق. ئەمما بىز بۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايمىز. ئىنشائاللاھ، يولغا قويغان ئىقتىسادىي پىروگراممىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، يەر شارىۋى كىرىزىسلەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نۆۋەتتە سىياسەت، ئىقتىساد، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيەلەردە ئۆز قارارلىرىنى چىقىرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزى يارىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۈگۈن بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بالقان رايونىدىن ئافرىقىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان كەڭ رايوندا ئېغىزدا ئەمەس، ئەمەلىي جەھەتتە تەسىر كۈچىگە ئىگە، سۆھبەتداشلىرى بىلەن ئەقىلسىزلەرچە ئەمەس، رېئال مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتالايدىغان ھالەتكە كەلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەتراپىدا سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرى ئەۋج ئالغان تۈركىيەنىڭ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق نەزىرى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر