ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ گۆش بىلەن سۆڭەككە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1915506
ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ھەمراھلىقىدىكى باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلار ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە «قېرىنداش مۇشتى» ناملىق تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۆزەتكۈچىلەر كۈنى» پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قوماندانلىرىمۇ قاتناشقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاخىرىدا، ئاقار بىلەن ھەسەنوۋ ھەربىي خادىملار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفوندا كۆرۈشكەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ يانفۇنىدىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بولسا، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋنىڭ يانفۇنىدىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشى تۈپەيلى ئەسكەرلەرنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> ئېڭىغا ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزدۈڭلار. بۇ ئارقىلىق يېقىن – يورۇقلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلارغا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىدىڭلار، دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆڭلىگە قورقۇش سالدىڭلار.»

مۈشكۈل يەر ۋە ھاۋارايى شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ مانېۋىر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەككە ئوخشايمىز. ھېچكىم بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئايرىۋېتەلمەيدۇ.»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ مۇنداق دېدى: «بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى ئۈچۈن، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارمىيەلىرىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ مانېۋىرنىڭ نامى <قېرىنداش مۇشتى> دۇر. بۇ تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىزنىڭ بىرلىكىمىز تەۋرەنمەستۇر، ئەبەدىيدۇر. ياشىسۇن تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقى!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر