تۇنجەلى ۋىلايىتىدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى
تۇنجەلى ۋىلايىتىدە داۋاملىشىۋاتقان «ئەرەن قامال قىلىش – كۈز – قىش 13» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پاناھ جايلىرى ۋە تەلىم - تەربىيە لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
1915462



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجەلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن، تۇنجىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى – بالى دەرەسى رايونىدا ۋە ئوۋاجىق ئاسلىجا يېزىسىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
ئوۋاجىق يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 14 پاناھ جاي ئېنىقلاپ چىقىلغان، مەركەز ناھىيەسى بالى دەرەسى رايونىدا بولسا پارتلاتقۇچ ياسايدىغان تەلىم - تەربىيە لاگېرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.
لاگېر ۋە پاناھ جايلارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆپ ساندا پارتلاتقۇچ ۋە پارتلاتقۇچ ياساش ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.