چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە دۇنياۋى كۈچ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاسىيا قىتئەسىگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونغىچە بولغان پايانسىز جۇغراپىيەدە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقان كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1915066
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە دۇنياۋى كۈچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق كونفېرانستا سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتىقىدا، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا جىددىي مەسىلىلەر، كرىزىسلار ۋە ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ 60 پىرسەنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ يېقىن جۇغراپىيەسىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا  پەقەت پىكىرلەر ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭلا ئەمەس، تەھدىتلەرنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى، توقۇنۇشلار، ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك كرىزىسى،  تېررورىزم، كىلىمات ئۆزگىرىشى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلىكتەك خىرىسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىرىزىسلەرگە قارىتا ئورتاق ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ يەر شارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق مۇشەققەتلىك مەزگىللەردە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، يول كۆرسىتەلەيدىغان، رەھبەرلىك قىلالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۈچلەرگە ئېھتىياج بار. بۈگۈن مەن پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈركىيە بۇ كۈچلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدۇ.»

«تۈركىيە ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاسىيا قىتئەسىگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونغىچە بولغان پايانسىز جۇغراپىيەدە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقان كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، يەر شارىۋى دىپلوماتىيەدە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئاكتىيورلاردىن بىرىگە ئايلاندى.»

«دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ قايسىسىغا قارىسىڭىز؛ ھەممىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر