ئىستانبۇلدا باشلانغان 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە باشلىقلار يىغىنى  ئاخىرلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە باشلىقلار يىغىنى (ستراتكوم باشلىقلار يىغىنى) ئاخىرلاشتى.

1914390
ئىستانبۇلدا باشلانغان 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە باشلىقلار يىغىنى  ئاخىرلاشتى
Erdoğan, Stratcom Summit 21.jpg
TRT Stratcom Ozel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا «ئېنىقسىزلىق دەۋرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە» تېمىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان باشلىقلار يىغىنىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن باشلىقلار يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى.

باشلىقلار يىغىنىدا، 24 دۆلەتتىن كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، دۆلەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاخبارات كەسپىي خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان 52 نۇتۇق سۆزلىگۈچى ئۆزلىرىنىڭ بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى مېھمانلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 3 مىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك قاتناشقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلدى، تەتۇر تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرەشتىن تارتىپ، پۇقرالارنى مەركەز قىلغان ئالاقە ئۇسۇلىغىچە، دىجىتاللىشىشتىن ئاممىۋى ئالاقىغىچە نۇرغۇن تېمىلاردا مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلدى.

باشلىقلار يىغىنىغا، 40 دۆلەتنىڭ ئالاقە، ئاخبارات ۋە ئۇچۇر سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەسسە قوشتى. ئۇچۇر - ئالاقىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇلدى.

مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرى ئارقىلىق ئالاقە ساھەسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۆز ساھەسىنىڭ باشلامچى مۇنبىرى بولغان «2022 - يىللىق خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە باشلىقلار يىغىنى» ئۇچۇر -  ئالاقە ساھەسىدىكى كەسىپچانلىق، باشقۇرۇش، چېدامچانلىق ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر