بىر ھەپتە ئىچىدە 743 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى بىر ھەپتە ئىچىدە 743 تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1914252
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قوماندانلىق ئىشتابىمىزنىڭ 7 كۈن 24 سائەت داۋاملىشىۋاتقان تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، 25 – نويابىردىن 1 – دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 30 قېتىملىق ھەرىكەت داۋامىدا، جەمئىي 743 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.»