تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن دائېش ئەزاسى 5 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسەن، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە (SMO) تەۋە يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى 5 تېررورچىنى قورال-ياراغلىرى بىلەن قولغا چۈشۈردى.

1913462
تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن دائېش ئەزاسى 5 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، نازارەتكە ئېلىنغانلاردىن ئەبۇ سەيف تادمۇرى،  شىفرىلىق ئىسمى «ئەبۇ دۇجانە»  مۇھەممەد خالىد ئەلىنىڭ ​​«تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتى رايونىنىڭ  ئاتالمىش مەسئۇل ئىكەنلىكى ۋە سۈرىيە چۆلىدە پائالىيەت قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

شىفرىلىق  ئىسمى ئەبۇ ئۆمەر كورانى بولغان مۇھەممەد سالىھنىڭ دائېشنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر خىل ھۇجۇملارغا قاتناشقانلىقى، شىفرىلىق ئىسمى ئەبۇ ئىسلام سالون بولغان خالىت مۇھەممەد ئىسا ئەلھۇلۇ ۋە شىفرىلىق ئىسمى ئەبۇ ھەسەن شامى بولغان ئەلى ھۈسەيىن ئەلىنىڭ دائېشنىڭ سۈيىقەستچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، شىفرىلىق  ئىسمى ئەبۇ ھەمزا بولغان شادى ئال سەتەم ئەل ئەلىنىڭ  بولسا، «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» رايونىدا پارتلاتقۇچ دورا مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت قىلغانلىقى  ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر