تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.

1913148
تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، « پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا 2022 - يىلى 30 – نويابىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، سەپدىشىمىز توپچى قىسىم سېرژانتى نەدىم قورقماز يارىلانغان بولۇپ، بارلىق قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. توقۇنۇشتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر