تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نىڭ ​​ئىستىخبارات دىرېكتورىنى  ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجاردا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئىستىخبارات دىرېكتورى فاتما ئونۇرنى بىرتەرەپ قىلدى.

1912753
تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نىڭ ​​ئىستىخبارات دىرېكتورىنى  ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، فاتما ئونۇر 1990 – يىلىرى ئەنگلىيەدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ تەشكىلاتنىڭ قوراللىق قانىتىدا ئۇزۇن يىل پائالىيەت قىلغان. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىخبارات قۇرۇلمىسى «NLP» دا 2016 – يىلى ئاتالمىش ئىستىخبارات ​​مەسئۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن ۋە تەشكىلات ئەزالىرىغا ئىستىخبارات دەرسى ئۆتكەن.

تېررورچى ئونۇر، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە رايونى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتا نۇرغۇنلىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار ئىدى.

شىفرىلىق  ئىسمى «كىندا ماراش» بولغان ئونۇرنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئىنچىكە تەتقىقات، تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قىلغان ئىستىخبارات ئىدارىسى، تېررورچىنىڭ قاندىلدىن سىنجارغا مەخپىي ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈنۈشتە مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سىنجاردا بىر قېتىملىق نۇقتىلىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئونۇرنى بىر تەرەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر