تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

1913121
تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» تېمىلىق يىغىندا، ب د ت قۇرۇلمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان زۆرۈر ئىسلاھاتلار مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، پىرىنسىپچان، كەڭ دائىرىلىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان مودېل ئۈچۈن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى تەقدىم قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جواننا ماگدالېنانىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھازىرقى قۇرۇلمىنىڭ يېڭى تەدبىرلەر ئۈچۈن يېتەرلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى دەتالاش قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن قاراشلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى يۇسۇف ئەرىم ب د ت نىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىنى، تېررورلۇق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دائىمىي ۋەكىلى بولۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە مۇتەخەسسىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىپەك تەكدەمىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ھالغا كېلىشى ئۈچۈن تاشلىشى كېرەك بولغان قەدەملەرگە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا كونسېرۋاتىپلىرى ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى رىچارد مىلسون 70 يىللىق دۇنيا تەرتىپىنىڭ يېڭى تەھدىتلەرگە چارە تېپىشقا يېتەرسىز قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا قوشنىدارچىلىق كېڭىشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى سامۇئېل دوۋېرى ۋېستېربۋى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئوخشاش يېڭىدىن يۈكسەلگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ناتو ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئانالىزچى ۋە سىياسەت مۇتەخەسسىسى مارىزو گېرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئاۋاز كۆپلۈكىنى رەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ، دېموكراتىك قۇرۇلمىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر