ناتو: تېررورلۇققا قارشى تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى خىتابنامەسىدە تېررورلۇققا قارشى تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش سىگنالى بېرىلدى.

1912674
ناتو: تېررورلۇققا قارشى تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو دۆلەتلىرى تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرى ۋە ئىپادىلىرىنى ئەيىبلەپ، يېقىنقى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئېلان قىلىنغان خىتابنامەدە، 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەر ۋە قوللاشلار تەكىتلەندى. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش سىگنالى بېرىلدى.

خىتابنامەدە، ناتونىڭ ئىتتىپاقداشلارنى بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى قوغدايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرى ۋە ئىپادىلىرىنى ئەيىبلەيمىز، يېقىنقى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم تۇتۇۋاتقان تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر