خۇلۇسى ئاقار ھەم فىرانسىيە، ھەم ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيېن لېكورنۇ ۋە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1912661
خۇلۇسى ئاقار ھەم فىرانسىيە، ھەم ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار بىلەن لېكورنۇ تېلېفوندا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، رايون خاراكتېرلىق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

مىنىستىر ئاقار يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىدىغانلىقى يۈزىسىدىن ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ خوشلاشماقچى بولغان ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گانتىز بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىككى مىنىستىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئۆز-ئارا سەزگۈرلۈكلىرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر