6 – نۆۋەتلىك «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى» يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

«ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى» 6 – نۆۋەتلىك يىغىنى  9 - دىكابىردىن 10 -  دىكابىرغىچە «كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش: ئېنىقسىزلىقلار، رېئاللىقلار ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسى ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1912838
6 – نۆۋەتلىك «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى» يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ باياناتىدا، «<ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى> كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2020 - ۋە 2021 - يىللىرى توردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىستانبۇلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇھىم شەخىسلەرنىڭ قاتنىشى بىلەن يۈزتۇرانە ئۆتكۈزىلىدۇ» دېيىلدى.

بۇ يىل 34 دۆلەتتىن كەلگەن 100 گە يېقىن نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 6 - نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى»، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنى ئۇچراشتۇرۇپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مۇنبەردە ئېنېرگىيەدىن يەر شارى كۆچمەنلەر كىرىزىسىغىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئىسلام دۈشمەنلىكىگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوچۇق يىغىن ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

«كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش: ئېنىقسىزلىقلار، رېئاللىقلار ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىدىكى كېڭەش يىغىنى 9 – ۋە 10 - دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇنبەرگە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

«2022 – يىللىق ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى كېڭىشى» گە «www.trtworldforum.com»  ئادرىسى ئارقىلىق تىزىملاتساڭلار بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر