ئىبراھىم كالىن سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د غا قارشى ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىپ: «ئەتە، كېلەر ھەپتە ياكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن» دېدى.

1912525
ئىبراھىم كالىن سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپىتىكى مەسلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەتە، كېلەر ھەپتە ياكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۈگۈنگە قەدەر قانداق ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق قىلىش داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ھەرىكەتكە قارىتا قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: ئالدىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى ئىما قىلغان ھالدا: «ئەگەر بىز بۇ ئۈچ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارمىغان بولساق، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بولمىغان بولاتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر